Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 4:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 قوھاتلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوھاتلار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىرگە كىرىپ، قوھاتلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 4:19
6 Referans Kwoze  

ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


_ قوھات جەمەتلىرىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭلار!


ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە ئۆكۈز پۇتلىشىپ كەتتى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرادىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ.


ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite