Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 4:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 4:15
26 Referans Kwoze  

بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.


مۇسا بۇ قانۇننى ئۆزى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا بەردى.


ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.


ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىغاندۇر.


پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.


لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلار ئالتە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، داۋۇت بىر بۇقا ۋە بىر بوردالغان تورپاق قۇربانلىق قىلدى.


پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن بۇيرۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتتى.


ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.


ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.


بىراق سەن تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلەپ، ئۇلارغا تاغقا چىقماسلىقنى، ھەتتا تاغنىڭ باغرىغىمۇ يېقىن كەلمەسلىكنى تاپىلىغىن. كىمدەكىم بەلگىلەنگەن چېگرادىن ئۆتۈپ، بۇ تاغقا بىر قەدەم باسسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.


بالداقلار قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلسۇن.


ھەمدە ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئوتتا كۆيدۈرسۇن. ئىسرىقلارنىڭ خۇش پۇراق ئىسى ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى قاپلىغاندا، ئۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.


ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن.


ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.


قوھاتلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوھاتلار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىرگە كىرىپ، قوھاتلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.


بىراق روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مۇقەددەس نەرسىلەرنى يېپىۋاتقاندا، قوھاتلار قەتئىي كىرىپ كۆرمىسۇن! كىرسە، ئۆلىدۇ.


ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر.


روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتارمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىرگە پادىشاھ داۋۇتقا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە، ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، ساقلاپ تۇرۇشقانىدى.


شۇڭا لاۋىيلار بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئىچىدىكى بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ».


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرادىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ.


ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى. لاۋىيلار روھانىيلارغا قوشۇلۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite