چۆلدە 36:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. Gade chapit la |
پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى خىزمەتكارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقسىلا! ئەگەر سىلىنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي. ئەگەر بۇنى ئىنسانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن قىلىۋاتقان بولسىلا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار مېنى يات ئىلاھلارغا چوقۇنسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن قوغلىۋەتتى.