12 ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزلارنىڭ زېمىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىسىگە قالدى.
ماخلاھ، تىرزاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.
يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.
زىلوفخادنىڭ قىزلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى مۇنداق: «ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياتلىق بولسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەر بىلەن تويلىشىشى كېرەك.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.