6 لاۋىيلارغا 42 شەھەر بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئالتە شەھەرنى قوشۇپ بېرىڭلار.
شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ،
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.
پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە، پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە.
گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم،
رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز،
نافتالى قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: جەلىلىيەدىكى قەدەش (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، خامموتدور ۋە قارتاندىن ئىبارەت 3 شەھەر.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.
ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر،
خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.
ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.
ئۇ كۈندۈزنىڭ ئىسسىقىغا سايە ۋە كۆلەڭگە بولىدۇ، بوران-چاپقۇن ۋە يامغۇر-يېشىندا پاناھگاھ ۋە دالدا بولىدۇ.
شەھەرنىڭ سىرتى تۆت تەرىپىدىن، يەنى شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقىچە 900 مېتىر بولۇپ، بۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتلاقلىرى بولسۇن. ئوتلاقلار شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ.
لېكىن بۇ ئىش مەقسەتسىز ھالدا ۋە مېنىڭ يول قويۇشۇم بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى مەن بېكىتكەن جايغا قېچىپ بارسا بولىدۇ.