بۇ مۇقەددەس يەرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈڭلار، ھەربىر بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىردىن بولسۇن. شۇلارنىڭ بىرىدىن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا 250 مېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئىبادەتخانا ئۈچۈن ئايرىۋېلىڭلار، بۇ ئەڭ مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. ئىبادەتخانا ھويلا تېمىنىڭ تۆت تەرىپىنىڭ سىرتىدىن 25 مېتىر كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇڭلار.