Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 35:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن جېنىنى ساقلىسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار جامائەت ئالدىدا سوتلانمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 35:12
10 Referans Kwoze  

ناۋادا پاناھلىنىدىغان شەھەردىن پەقەت بىرسى بولۇپ، ئارىلىقى يىراق بولۇپ قالسا، قىساسكار غەزىپىدە ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى ئۆزى بىلەن قىلچە ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى بىخەستەلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆلمەسلىكى كېرەك.


بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ساقلىنالايدۇ.


ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم ئاجىزەلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇمنى ئۆلتۈرسە، ئۈمىد چىرىغىم ئۆچىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ، _ دېدى.


ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن.


ئالتە شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار.


پاناھلىنىشنىڭ شەرتلىرى مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر بىر ئادەم بىخەستەلىك قىلىپ، ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، پاناھلىنىدىغان شەھەرلەردىن بىرسىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسۇن.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، مەن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك، ئۇلار پاناھلىنىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىقسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite