Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 35:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 35:1
12 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە قارارگاھ تىكتى.


يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.


ئېرىخانىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى.


يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانى ئىدى.


لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە لاۋىيلار ئۆزلىرى سېتىۋەتكەن ئۆيلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇپ سېتىۋالالايدۇ.


مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:


يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، كەنئان زېمىنىدا ئىسرائىللارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.


_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار تەقسىماتتا ئىگە بولىدىغان زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە بۆلۈشۈۋالدى.


لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى كەنئان زېمىنىدىكى شىلو شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە بىزگە شەھەر ۋە مال-چارۋىلىرىمىزغا ئوتلاق بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى.


شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite