17 _ سىلەرگە يەر تەقسىم قىلىشقا روھانىي ئەلئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مەسئۇل قىلىندى.
ئىسرائىل خەلقىنىڭ قالغان قەبىلىلىرى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن كەنئان زېمىنىغا ئىگە بولدى.
يۇقىرىدىكى زېمىنلارنى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، يەنى شىلودىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا چەك تاشلاپ، ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىش تاماملاندى.
بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى.
ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن.
لېكىن سېنىڭ ياردەمچىڭ بولغان نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بارالايدۇ. سەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئاشۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ» دېدى.
يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا:
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا پاران چۆلىدىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.