14 رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىمۇ ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.
ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.
بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولدى.
خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاش، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى كۆز ئالدىڭلاردا قوغلىۋېتىپ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىردى. ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى.
ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى زېمىننى تاللىدى. باشلىقنىڭ نېسىۋىسى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇلدى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى جەم بولغاندا، گاد پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتىنى ئىجرا قىلدى، ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلدى.»