13 مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىبرامغا ئەھدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ مەن مىسىر چېگراسىدىن تاكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.
ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن.
ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»
سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ.
_ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، بىر پارچە يەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولسۇن. بۇ يەرنى مۇقەددەس يەر دەپ ئاتاڭلار.
پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئىچىدە قايتىدىن يەر تەقسىم قىلىش ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا، سىلەر ئۈچۈن چەك ئالىدىغانلار بولمايدۇ.
يەنى سەن بۇ زېمىنلارنى توققۇز ئىسرائىل قەبىلىسى بىلەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.