Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 34:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ،

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 34:11
16 Referans Kwoze  

پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلىقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە زىندانغا تاشلىدى. كېيىن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. پىرئەۋن نىكو يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى ئەلياقىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھۇدىيەگە 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى.


ئۇلارنىڭ غەربىي چېگراسى ئىئوردان دەرياسى بىلەن، شىمالىي چېگراسى جەلىلىيە كۆلى بىلەن، جەنۇبىي چېگراسى ئۆلۈك دېڭىز بىلەن، شەرقىي چېگراسى پىسگاھ تېغى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.


شىمالىي تاغلىق رايونلاردىكى پادىشاھلارغا، جەلىلىيە كۆلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئىئوردان ۋادىسىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي ئېدىرلىقلاردىكى پادىشاھلارغا، غەرب تەرەپكە جايلاشقان نافوت-دور زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا،


بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولاشتى.


ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇستەھكەم شەھەرلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار: زىددىم، زېر، خاممات، راققات، كىننەرەت،


بىر مەزگىلدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى (تىبېرىيە كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان كۆل)~نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى.


ئۇلار كۆلنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقتى.


بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى.


بابىللىقلار پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇپ، خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.


ئىئوردان ۋادىسىدىكى بەيت-خارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت، زافون شەھىرى، شۇنداقلا سىخون پادىشاھ خەشبوندا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان باشقا زېمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ، شىمالدىكى جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئايىغىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن شەرققە قايرىلىدۇ.


شەرق تەرەپتىكى چېگراڭلار خازار-ئېناندىن شىفامغا،


ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»


بابىللىقلار زىدقىيا پادىشاھنى تۇتۇپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.


سىخون پادىشاھ يەنە ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا، يەنى شىمالدىكى جەلىلىيە كۆلىدىن جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان يەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ يەرلەر بەيت-يىشىموتقا بارىدىغان يول ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite