52 ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار.
«ئۆزۈڭلارغا مەبۇد، بۇت ياكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈك تىكلىمەڭلار. زېمىنىڭلاردا تاشقا شەكىل ئويۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار، قىلىقلىرىنى دورىماڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىۋېتىڭلار.
سىلەر ھەرگىز يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرەر كېلىشىم تۈزمەڭلار، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار» دېگەنىدىم. بىراق سىلەر مېنىڭ دېگىنىمگە بويسۇنمىدىڭلار. بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟
سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار!
ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.»
پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، سىلەر ئۇلارنى مەن يەتكۈزگەن ئەمر بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭلار.
ئىسرائىللار خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز.
بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يوشۇۋاغا تاپشۇرغانىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي بەجا كەلتۈردى.
سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى.