48 ئابارىم تاغلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى.
ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە قارارگاھ تىكتى.
مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا نەزەر سالغىن.
كېيىن يەنە يانوۋاخ شەھىرىدىن جەنۇبقا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن ئاتاروت، نائارا شەھەرلىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئېرىخا شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ.