4 ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتاتتى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى جازالىغانىدى.
بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى.
ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _ ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.