36 ئەزيون-گەبەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زىن چۆلىدىكى كادېشتا قارارگاھ قۇردى.
ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.
چۈنكى زىن چۆلىدە خەلق ماڭا قارشى چىققاندا، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئەمرىمگە ئەمەل قىلماي، خەلقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. (بۇ ۋەقە زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى «مىرىبا سۈيى»دە يۈز بەرگەن.)
ھارۇن ئىككىڭلار زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى مىرىبا سۈيىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ماڭا ساداقەتسىزلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار ۋە مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى.
ئابرونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەزيون-گەبەردە قارارگاھ قۇردى.
ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى