3 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ 2-كۈنى ئىسرائىللار قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەمسېس شەھىرىدىن ئايرىلدى.
پەرۋەردىگار پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن زەپەر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى.
سىلەر زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىنىڭ بىر كۈنى مىسىردىن يولغا چىققانىدىڭلار.
ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.
مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن. سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.»
سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.
ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى، چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى.
_ ھازىردىن باشلاپ، بۇ ئاي ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن.
يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىگە، يەنى رەمسېس رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئەزدى ۋە ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلارغا پىتوم ۋە رەمسېس شەھەرلىرىنى سالدۇردى. بۇ شەھەرلەر پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئاشلىقلىرىنى ساقلايدىغان شەھەرلىرىگە ئايلاندى.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر قېتىملىق قارارگاھ قۇرغان ۋە قوزغالغان جايلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇلار قارارگاھ قۇرغان جايلاردۇر.