Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 33:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە قوشۇنلىرى بىلەن مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بېسىپ ئۆتكەن سەپەر جەريانلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 33:1
11 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم.


يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.


ياقۇپ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-بوۋاڭلار پەرۋەردىگارغا يېلىندى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇردى.


كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم.


شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.


پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر قېتىملىق قارارگاھ قۇرغان ۋە قوزغالغان جايلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇلار قارارگاھ قۇرغان جايلاردۇر.


ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى، يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى.


دەل يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ھارۇن بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىققانىدى.


دەل 430 يىل توشقان كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite