Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 32:38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

38 نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 32:38
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھ بېلنىڭ تىزى چۆكىدۇ، ئىلاھ نىبونىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلىرى ھايۋانلارغا يۈكلەپ قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بابىللىقلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ بۇتلار ئەمدى ھارغىن ھايۋانلارغا ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.


_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق


سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار!


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلماڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالماڭلار.


كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا، ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا. قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا، ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا.


ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بالاق بىلئامنى ئەگەشتۈرۈپ، باموت-بائالغا كەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئىسرائىللارنى كۆرگىلى بولاتتى.


ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىيەلىكلەر ئۇ قازدۇرغان ھەممە قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، ئۇلارنى يەنىلا ئاتىسى قويغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدى.


رۇبېننىڭ قەبىلىسى خەشبون، ئەلئالى، قىرياتائىم،


نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا.


خەشبون شەھىرىنىڭ دالالىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ. سىبماھ شەھىرىدىكى باراقسان ئۈزۈمزارلىقلارمۇ يوقىلىدۇ. يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈزۈمزارلىقلار يازېر شەھىرىدىن ئۆتۈپ چۆللەرگىچە تۇتاشقانىدى، ئۇلار شاخلارنى چىقىرىپ، دېڭىزغىچە باراقسانلاشقانىدى.


بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ موئاب توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «نىبو شەھىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ ۋەيران قىلىنىدۇ. قىرياتائىم شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، نومۇسقا قالىدۇ. ئۇنىڭ قەلئەسى ئىزا-ئاھانەتكە قېلىپ، يەكسان قىلىنىدۇ.


شۇڭا مەن موئابنىڭ غەربىي چېگراسىنى ئاچىمەن. موئابنىڭ چېگراسىدىكى گۆھەر شەھەر ھېسابلانغان بەيت-يىشىموت، بائال-مىئون، قىرياتائىم شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.


ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئالەمدىن ئۆتكەندەك، سەنمۇ ئۆزۈڭ چىققان نىبو تېغىدا ئالەمدىن ئۆتىسەن.


ئېگىزلىكتىكى شەھەرلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. خولون، ياھاز، مېفائات،


قىرياتائىم، بەيت-گامۇل، بەيت-مىئون،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite