خەشبون شەھىرىنىڭ دالالىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ. سىبماھ شەھىرىدىكى باراقسان ئۈزۈمزارلىقلارمۇ يوقىلىدۇ. يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈزۈمزارلىقلار يازېر شەھىرىدىن ئۆتۈپ چۆللەرگىچە تۇتاشقانىدى، ئۇلار شاخلارنى چىقىرىپ، دېڭىزغىچە باراقسانلاشقانىدى.