Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 32:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 _ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 32:29
10 Referans Kwoze  

شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:


ئەگەر گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر قوراللىرىنى قولىغا ئالمىسا، سىلەر بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلمىسا، ئۇلارغا بۇ تەرەپتىن زېمىن بېرىلمىسۇن، ئۇلار چوقۇم باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كەنئاندىن ئۆزىگە تېگىشلىك زېمىننى جەڭ قىلىپ ئېلىشى كېرەك.


ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،


ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى.


ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنىدى.


مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى.


لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.


شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى.


تولاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گىلئادلىق يائىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسرائىللارغا 22 يىل سەردار بولدى.


سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن ماڭا سادىق بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite