27 خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ.
رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.
_ سىلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇيرۇغانىدى.
ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى.
ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
بۇ چاغدا ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مۇساغا: _ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى: