26 ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ.
شۇڭا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا قالسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قوراللىنىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، قېرىنداشلىرىغا ياردەمدە بولسۇن.
گاد ۋە رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.
شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى.
پەقەت ئايالىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلار (سىلەرنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار) مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن شەھەرلەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.