24 سىلەر ھازىر بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شەھەر بەرپا قىلىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتان ياساڭلار. بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
ئۇلار مۇساغا يېقىن كېلىپ مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە چارۋا ماللىرىمىزغا قوتان، ئۆزىمىزگە شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى.
«بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن.
ئىسساكار گويا كۈچلۈك ئېشەك بولۇپ، ئېغىلنىڭ ئىچىدە ياتار.
گاد ۋە رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.