چۆلدە 32:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ. Gade chapit la |
سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.»
پەرۋەردىگار لىبناھ شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ خۇددى ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.