54 ئىسرائىل خەلقىنى پەرۋەردىگارىمىز دائىم ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار، مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىردى.
ھاياتى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل پۇللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ خىراجىتى قىلىنسۇن. بۇ پۇللار ھاياتلىرىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئىسرائىللارنى مەن پەرۋەردىگارغا ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
بۇ تاج مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇ خەلداي، توبىيا، يىدايا ۋە زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيالارنى ئەسلىتىدىغان خاتىرە بولىدۇ.»
كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.
ئاندىن، ئۇ بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارغا بېرىپ: - بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، - دېدى.
ئۇلار ئەسلەپ، سۆزلىشەر شەپقىتىڭنى بەس-بەستە، ئادالىتىڭنى كۈيلىشەر ناخشا ئوقۇپ ھەۋەستە.
بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا.
سىلەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار ئىسرائىل خەلقىگە بۈگۈن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ.
بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.
پەرتۇقنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق بېكىتىپ، ماڭا، يەنى مەن پەرۋەردىگارغا خەلقىمنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى.