Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 31:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئوتقا چىداملىق نەرسىلەر ئوت بىلەن پاكلانسۇن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. ئوتتا كۆيىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 31:23
20 Referans Kwoze  

پاك بىر كىشى ياش ئىنەكنىڭ كۈلىنى يىغىپ، قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا قويۇپ قويسۇن. بۇ كۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاكلىنىش سۈيىگە سېلىپ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ساقلانسۇن. بۇ گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


ناپاك كىشى ئۈچۈن، كۆيدۈرۈلگەن پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ كۈلىدىن كۈپكە سېلىپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ قۇيۇلسۇن.


قىيامەت كۈنى، ھەركىمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ كۈنى، ھەممە ئادەمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قىممىتى ئوتتا سىنىلىدۇ.


مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.


سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.


شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار.


بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر.


بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.


ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر.


مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»


لاۋىيلارنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن پاكلىغىن: ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرىپ تازىلىسۇن. كىيىملىرىنى يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ.


مەنى تېگىپ قالغان كىيىم ۋە خۇرۇملارمۇ چوقۇم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.


ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.


ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق


يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پاكلىنىسىلەر. ئاندىن قارارگاھقا قايتساڭلار بولىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.


مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنى كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكلاشقا بۇيرۇدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite