Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 31:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 31:2
30 Referans Kwoze  

ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن.


ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


شۇ دەۋرلەردە ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى.


چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر. ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


چۈنكى، تەۋراتتا «ئىنتىقام مېنىڭ، جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.


بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ.


چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭساڭ، ئەلۋەتتە قورقۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالاش ھوقۇقى بار-دە! ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، يامان يولدا ماڭغۇچىلارنى جازالاشقا تەيىنلەنگەن.


قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.»


بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن.


چۈنكى، شۇ چاغ خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


پەرۋەردىگار ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.


ئىسرائىللارنى تاللىغان قادىر خۇدا، يەنى ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «رەقىبلىرىم بولغان سىلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، دۈشمەنلىرىم بولغان سىلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن.


پۇقرالارمۇ شىمشوننى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلاھىغا مەدھىيە ئوقۇپ: «بىزنىڭ ئىلاھىمىز زېمىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى تۇتۇپ بەردى» دەپ تەنتەنە قىلىشتى.


ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»


مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: _ ئەرلەر قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىساس ئالىمىز.


مۇسا بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گۇناھ سەۋەبىدىن كۆز يېشى قىلىشىۋاتاتتى. ئىسرائىللاردىن بىرى بىر مىديان ئايالنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.


ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.


_ ھارۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىڭلار «مىرىبا سۈيى»دە مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقتىڭلار.


مىدياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى ئۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇققا كېلىپ، سۇ تارتىپ، نورنى تولدۇرۇشاتتى.


ئىسمائىل 137 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


سەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىنىسەن.


ئىسرائىللار شىتتىمدىكى ۋاقتىدا، بىر قىسىم ئىسرائىل ئەركەكلىرى موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلىدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


مەن بۇ يەردە ۋاپات بولىمەن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيمەن. لېكىن سىلەر ئۆتۈپ، ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite