Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 31:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 31:16
11 Referans Kwoze  

ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى.


لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.


ئاتا-بوۋىلىرىمىز پىئوردا پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ۋابا بىلەن جازالىغانىدى، بىز بۇ گۇناھتىن تېخىچە پاكلانغىنمىز يوق!


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بائال-پىئوردا قىلغان ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئۇ ئاراڭلاردىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى.


مەن ھازىر ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىمەن، لېكىن مەن ساڭا، ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسىدە خەلقىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.


پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق ئايال تار قۇدۇقتۇر.


چۈنكى ئۇلار دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇپ، سىلەرگە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى، ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى.


مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ئايال ئۆلۈمدىن قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشىق-مۇھەببىتى قىلتاق ۋە تۇزاق، قوللىرى بولسا زەنجىردۇر. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلار ئۇنداق ئايالدىن يىراق تۇرىدۇ، پەقەت گۇناھكار ئادەملەرلا ئاشۇنداق ئايالنىڭ تۇزىقىغا چۈشىدۇ.


بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.


بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite