14 لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ،
ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.
شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: _ سەن ئەسلى بەش ياكى ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئارراملارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلاتتىڭ. ئەمدى سەن ئارراملارنى ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى قولدىن چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىغا جېنىڭنى بېرىسەن. ئادەملىرىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورنىغا جېنىنى بېرىدۇ»، _ دېدى.
قوشۇننىڭ لەشكەر باشلىرى قول ئاستىمىزدىكى لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئالدۇق. بىرمۇ لەشكەر چىقىم بولماپتۇ.
(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.)
شۇ ۋاقىتتا مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ھارۇننىڭ ئامان قالغان ئوغۇللىرىدىن ئەلئازار ۋە ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى:
ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا:
مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ئۇسسۇلغا چۈشكەن خەلقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، قولىدىكى ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى.
مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.
مۇنداق دېدى: _ سىلەر نېمىشقا بۇ ئاياللارنى ھايات قالدۇردۇڭلار؟
بەزىلىرىنى مىڭ بېشى، بەزىلىرىنى ئەللىك بېشىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرىنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، شۇنداقلا قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا سالىدۇ.
داۋۇت ئادەملىرىنى يىغىپ، مىڭ بېشى ۋە يۈز باشلىرىنى تەيىنلىدى.