11 ئەسىر ۋە ئولجا ئالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتتى.
لېكىن شەھەردىكى ئاياللار، بالىلار، چارۋا ماللار ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ نەرسىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇڭلار، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغاندۇر.
سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.
ئۇلارنىڭ شەھەر، يېزا ۋە قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋېتىپ،
ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى.
بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.
ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرى ۋە مال-چارۋىلارنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.
شۇنداقلا، ئۇلار يەنە بارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنى ۋە ھەممە ئۆيلەردىكى بار بىساتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، خوتۇن-قىزلىرى، بالىلىرىنى ئەسىرگە ئالدى.