15 ئەگەر ئېرى دەل ئاشۇ كۈنى ئېتىراپ قىلىپ، كېيىن يېنىۋالسا، ئېرى ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.»
_ سوت مەلۈم ۋەقە ھەققىدە گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئېلان چىقارسا، لېكىن ۋەقەنى كۆرگۈچى ياكى بىلگۈچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن، بىلگەنلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار.
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلغاندۇر. پەرۋەردىگار ئايالنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
ئەگەر ئاتىسى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ، چۈنكى ئاتىسى قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىگە قارشى تۇردى.
لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئېرى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ.
يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان ئەر بىلەن ئايال، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك نىزاملاردۇر.