چۆلدە 30:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قىلغان قەسىمىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىناۋەتسىز قىلىش ھوقۇقى بار. Gade chapit la |
مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟ ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟ سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟ مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟
ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.