Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 3:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 3:9
15 Referans Kwoze  

مەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەدىيە سۈپىتىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقدىم قىلدىم. ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەپ، خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا بالا-قازا كەلمەيدۇ.


ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى.


بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ئەرشكە چىققاندا، نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى يېتەكلىدى. ئىنسانلارغا ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.»


ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن.


ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا پۈتۈنلەي ھەدىيە قىلىنغاندۇر. مەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلدىم.


ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟


شۇنداق قىلىپ لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن ئايرىۋالغىن. شۇندىلا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ.


مانا ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى قويدۇم.


سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئەھدە چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغىنىڭلاردا، لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ياردەملەشتۈرۈڭلار.


ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر: قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى: ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى،


ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىغاندۇر.


ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،


مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتقا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز توپلىرى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.


ئۇلاردىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىككە بىرمۇبىر پۈتۈلگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite