7 لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن.
ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن.
لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولىدۇ.
ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالاھىدە ھەدىيەسى سۈپىتىدە مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ماڭا بېغىشلىسۇن.
شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ساقلاناتتى.
يىخىئېلىنىڭ ئوغلى زېتام ۋە ئىنىسى يوئېل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى.
ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.
خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.
روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.
سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يەتتە كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھالاك بولمايسىلەر. مانا بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلغان ئەمردۇر.
ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن.
لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»