Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 3:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 3:41
10 Referans Kwoze  

_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


_ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى.


ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن.


ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا پۈتۈنلەي ھەدىيە قىلىنغاندۇر. مەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلدىم.


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئوغۇللىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي 22,273 ئادەم بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite