35 مىرارى جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئابىخايىلنىڭ ئوغلى زۇرىئېل ئىدى.
دان قوشۇنلىرى تۇغىنى شىمال تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەردۇر.
لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»
ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6200 ئادەم ئىدى.
ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سايمانلارغا، شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىغا ھەمدە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.