Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 3:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 3:31
15 Referans Kwoze  

مۇسا پاكلىنىش دېسىنى ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، پاكلىنىش ئۈچۈن داسقا سۇ تولدۇرۇپ قويدى.


بىزالئېل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى 125 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر قىلىپ بىر ساندۇق ياسىدى.


يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەرگە يورۇقلۇق چۈشىدۇ.


ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئۇززىئېلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى.


روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.


خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite