3 ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.
مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
تەۋرات قانۇنى ئاجىز بولغان ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلىنى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
خۇددى ئاتىسىغا ياغ سۈركىگەندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس ياغ سۈركىگىن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ. ئۇلارغا ياغ سۈركىلىش ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇنى ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا ئۇ مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىمنى قىلالايدۇ.
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ خۇداغا بويسۇنماي، سىناي چۆلىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆلدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى.
داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى.