Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 مۇسا ئۇلارنى رويخەتكە ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 3:16
11 Referans Kwoze  

قوھات جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن قوھات جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.


مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن جەمەتلەر بويىچە بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالغان لاۋىي ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 22,000 ئادەم ئىدى.


ئۇ يەردە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئالدىغىراق چىقسۇن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللانغاندۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت تىلەيدۇ، بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ۋە زوراۋان قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى.


مىرارى جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە مىرارى جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.


گېرشون جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن گېرشون جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.


گېرشونلار نەرسىلەرنى توشۇغاندا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسۇن. ئۇلار گېرشونلارنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرسۇن.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇردى.


ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بۇ سۆزگە بىنائەن ئىش قىلدى. يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارغا ھارۋا ۋە يولغا يېتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بەردى.


_ لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.


لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite