15 _ لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.
لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.
سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى.
بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر.
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.
_ سەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، يېرۇسالېمنىڭ خەلقىگە مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى جاكارلىغىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر ياش ۋاقتىڭلاردىكى ساداقىتىڭلار ۋە يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭلاردىكى مۇھەببىتىڭلار بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، ھوسۇل چىقمايدىغان چۆل-جەزىرىلەرگىچە قانداق بارغىنىڭلار ئېسىمدە.
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6200 ئادەم ئىدى.
بۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 8600 ئادەم ئىدى. قوھات جەمەتى مۇقەددەس جابدۇقلارغا مەسئۇل ئىدى.
ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 7500 ئادەم ئىدى.
لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر باشقا قەبىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە رويخەتكە ئېلىنمىدى.
مۇسا ئۇلارنى رويخەتكە ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: گېرشون، قوھات، مىرارى.
روھانىيلارغا ئائىلە نەسەبنامىسى بويىچە ۋە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى لاۋىيلارغا نۆۋەتچىلىك توپى بويىچە نەرسىلەر تارقىتىپ بېرىلەتتى.