1 پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
قوھاتنىڭ ئوغلى ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام 137 يىل ئۆمۈر كۆردى.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى.
مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:
پىرئەۋن، يەنى مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى.
لاۋىينىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. لاۋىي 137 يىل ئۆمۈر كۆردى.
نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان سام، ھام ۋە يەفەت توپان بالاسىدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:
تۆۋەندىكىلەر ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: خۇدا ئىنساننى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى.
پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى مۇشۇنداق ياراتقانىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا،
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى.