Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 29:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 «7-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، روزا تۇتۇڭلار، ئىش قىلماڭلار.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 29:7
17 Referans Kwoze  

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كونا تەبىئىتىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە بولماي، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق.


قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.


ئاخاۋا قانىلىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇشىمىزنى، سەپەر جەريانىدا ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى خۇدادىن تىلىدىم.


خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن.


ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر.


ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر.


ماتا كىيدىم قايغۇرۇپ، ئۇلار كېسەل بولغاندا، كەمتەر بولۇپ روزا تۇتتۇم، ئۇلار ئۈچۈن قىلدىم دۇئا، جاۋابسىز قالدى لېكىن دۇئالىرىم ھەر زامان.


سەپىرىمىز خېلى ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈز پەسلى بولۇپ قالغانىدى. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا، پاۋلۇس كۆپچىلىككە:


ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite