چۆلدە 29:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.» Gade chapit la |
ۋە بۇنى جامائەت بىلمەي، بىخەستەلىكتىن قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن جامائەت بىر بۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قائىدە بويىچە ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنسۇن ۋە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنسۇن.