40 مۇسا پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.
مۇسا پەيغەمبەر بىر خىزمەتكار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا خۇدانىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلىماقچى بولغان ھەقىقەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى.
خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغان خۇداغا سادىق بولدى.
مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇھىم تەلىمنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇ تەلىم شۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن يېزىلغىنىدەك، ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ،
چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.
مۇسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
بۇلار سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان ھەدىيەڭلاردۇر. بۇ قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق، ئىچىملىك ۋە ئامانلىق ھەدىيەلىرىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»
مۇسا ئىسرائىل قەبىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئەمرلىرىدۇر: