35 ھېيتنىڭ 8-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.
بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. سەككىزىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار ۋە ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىش كۈنىدۇر، ئىش قىلماڭلار.
كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتە تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇلار مېنى مەمنۇن قىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ.
ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە ئەزرا ھەر كۈنى خۇدانىڭ قانۇنىدىن بىر پارچە ئوقۇپ تۇردى ۋە يەتتە كۈن ھېيت قىلىپ، سەككىزىنچى كۈنى بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
«7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈندە بۇرغا چېلىنسۇن.
«7-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار.