21 شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.
ھېيتنىڭ 3-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 11 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.
كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.»