Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




چۆلدە 29:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ھېيتنىڭ 2-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 12 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق ۋە بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




چۆلدە 29:17
14 Referans Kwoze  

دېمەك، خۇدا بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىش ئارقىلىق بۇرۇنقىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان نەرسە ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ.


شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.


قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن، مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟ قوچقارلار ۋە سەمرىتىلگەن كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم. مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ۋە ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن.


بۇنداق قىلىش سېنى خۇرسەن قىلار، بۇ ساڭا ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر، مۈڭگۈزلۈك ۋە تۇياقلىق بۇقىلاردىنمۇ ئەلادۇر.


ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.


مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن 13 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە بولىدۇ.


بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. سەككىزىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار ۋە ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىش كۈنىدۇر، ئىش قىلماڭلار.


لېكىن قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان ياكى تېكە بولسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite