16 كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆچكىدىن بىرنى بوغۇزلاپ، يۈسۈپنىڭ ئالا تونىنى ئۆچكىنىڭ قېنىغا مىلەپ،
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن،
ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن توغرىلاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن.
بىرىنچى قويغا بىر لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن قوشۇپ ئاتالسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر لىتىر شارابمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئاتالسۇن.
يېتەكچىنىڭ قىلغان گۇناھى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ چوقۇم بېجىرىم بولغان تېكىدىن بىرنى قۇربانلىق قىلسۇن.
بۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلىنىدىغان ھەدىيەلەردۇر.»
كۈندىلىك قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە بىر تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلسۇن. كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن.»