15 ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن توغرىلاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،
كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.